بەش ئەسكەر شېھىت بولدى
دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە 4 ئەسكەر، بىنگۆلنىڭ قارلىئوۋا ناھىيەسىدە 1 يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئەسكەر شېھىت بولدى، 8 ئەسكەر يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىنىڭ ئابالى بىلەن تاپانتەپە رايونلىرى ئارىسىدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە راكېتامىيوت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئەسكەرلەر ھۇجۇمغا دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردى، توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايغا زاپاس قىسىملار ئەۋەتىلدى.
توقۇنۇشتا يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن دىيارباكىر ھەربىي دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.
بىنگۆلنىڭ قارلىئوۋا ناھىيەسىدىكى جەھەننەم ئورمانلىرىدىمۇ PKK تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ پارتلاپ، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئەسكەر شېھىت بولدى.
خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ PKK تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.