تۈركىيەدە 38 مىڭ ئادەم جازا مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىدۇ

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، قانۇن ئورنىدىكى قارارنامە ئارقىلىق 38 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ جازا مۇددىتىنى سىرتتا ئىجرا قىلىش دائىرىسىدە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

553584
تۈركىيەدە 38 مىڭ ئادەم جازا مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، 671 – نومۇرلۇق قانۇن ئورنىدىكى قارارنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تۇتقۇنلار ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا بايانات بەردى.

بوزداغ، يېڭى بەلگىلىمىدە قويۇپ بېرىلىشكە ئالاقىدار مۇددەتنىڭ 1 يىلدىن 2 يىلغا چىقىرىلغانلىقىنى، ئىجرا قىلغۇچى ئورگاندا تۇرىدىغان مۇددەتنىڭ 3 تە 2  دىن يېرىمغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، بۇ دائىرىدە دەسلەپكى قەدەمدە 38 مىڭ كىشىنىڭ جازا مۇددىتىنى سىرتتا ئىجرا قىلىش دائىرىسىدە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىر كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن بوزداغ، جازا مۇددىتىنىڭ سىرتتا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، 1 – ئىيۇلدىن ئىلگىرى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزكۇر بەلگىلىمىدىن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر، باسقۇنچلۇق قىلغۇچىلار ۋە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلار پايدىلىنالمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر