« دېموكراتىك قىممەت ئۆلچەملىرىگە سادىق تۈرك مىللىتى يېتىم قالدۇرۇلدى»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل كارامان دېموكراتىك قىممەت ئۆلچەملىرىگە سادىق بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ يېتىم قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

553138
« دېموكراتىك قىممەت ئۆلچەملىرىگە سادىق تۈرك مىللىتى يېتىم قالدۇرۇلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل كاھرامان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى ۋە بايلىقلىرىغا سادىق بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا، تۈرك مىللىتىنى يېتىم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كاھرامان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار كومىتېتى باشلىقى كىرىستېنا مۇتتورېندىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

كاھرامان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپالىق پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن تېلېفونمۇ قىلىپ قويمىغانلىقىنى، ئاز بىر قىسىمىنىڭ تېلېفون قىلىپ ھال ئەھۋال سورىغانلىقىنى ئېيتقان كاھرامان مۇنداق دېدى: «تۈرك خەلقى بۇ جەرياندا تولىمۇ ئەپسۇسكى، ھەم بەزى ياۋروپالىق سىياسەتچىلەرنىڭ، ھەمدە غەرب مېدىيالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە زىت ھالەتتە ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىغا شاھىت بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دېموكراتىك قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە بايلىقلىرىغا ئىگە چىققان تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا تۈرك خەلقىنى يېتىم قالدۇردى. نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەزالىقى ئۈچۈن ئايىغى چىقماس مۇزاكىرىلەر دائىرىسىدە يېڭى ماددىلارنى كېڭەش قىلىش مەسىلىسىدىكى بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيەسىگە، مەغلۇپ قىلىنغان ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا تۇتقان گۇمانلىق پوزىتسىيەسىمۇ قوشۇلدى.»

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قاراڭغۇ يۈزىنىمۇ پاش قىلغان كاھرامان مۇنداق دېدى: «مىسىلى كۆرۈلمىگەن يوشۇرۇن ۋە سىرلىق بىر تەرىقەتتۇر.»

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار كومىتېتى باشلىقى كىرىستېنا مۇتتورېندىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىنى ئەيىبلىدى.

ھەيئەت بومبىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ۋەيران بولغان يەرلەرنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر