چاۋۇشئوغلۇ: مۇناسىۋەتلىرىمىزگە مۇقەررەر تەسىر يېتىدۇ

چاۋۇشئوغلۇ، گۈلەن قايتۇرۇلمىغان تەقدىردە ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولىدۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى.

551453
چاۋۇشئوغلۇ: مۇناسىۋەتلىرىمىزگە مۇقەررەر تەسىر يېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ لىدېرى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يېتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ياپونىيە كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش توغرىسىدا توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ رۇھىغا ئۇيغۇن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، ياپون شىركەتلىرىنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە زىيارىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن بۇزۇلغان رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈزەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى ۋە بۇنىڭ رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغىمۇ ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن مۇناسىۋەتلىك پوزىتىسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر