«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە خىرىس قىلدى»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرنىڭ رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە خىرىس قىلغانلىقىنىڭ پاش بولغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن رۇسىيەنىڭ سېنت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدىكى كونستانتىنوسۋكى سارىيىدا تۈرك ۋە رۇس كارخانىچىلار بىلەن ئۇچراشقاندا قىلغان سۆزىدە، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرنىڭ رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە خىرىس قىلغانلىقى پاش بولدى. بۇنى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋاتىمىز» دېدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنمۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا – ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنى ئايروپىلان كىرىزىسىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەك ياخشىلاشنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇلۇش ساھەسى تۈركىيە – رۇسىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا تەييارمىز.»