بۈگۈن ئەردوغان بىلەن پۇتىن كۆرۈشىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنكى چەت ئەل زىيارىتىنى بۈگۈن(9-ئاۋغۇست) رۇسىيەدىن باشلايدۇ.

547908
بۈگۈن ئەردوغان بىلەن پۇتىن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن رۇسىيە ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشىدۇ. ئىككى رەھبەر پۇتىننىڭ يۇرتى بولغان سائىنت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 13:00 تە بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئاندىن رەھبەرلەر ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-سانائەتچىلىرىگە خىتاب قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر