داستانلارغا تېما بولغان «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى»غا تەخمىنەن 5مىليون كىشى قاتناشتى

تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى»غا تەخمىنەن 5مىلىيون كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

547150
داستانلارغا تېما بولغان «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى»غا تەخمىنەن 5مىليون كىشى قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى يەنىكاپى مەيدانىدا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى»غا تەخمىنەن 5مىليون كىشى قاتناشتى.

يىغىلىش مەيدانىغا 1 مىليون watt لىق ئاۋاز سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە تۈركىيەدە ئورنىتىلغان ئەڭ چوڭ ئاۋاز سىستېمىدۇر.

يىغىلىش مەيدانىغا 300 كىشىلىك ئەترەتنىڭ 3 كۈن خىزمەت قىلىشى نەتىجىسىدە ئورنىتىلغان ئاۋاز سىستېمىسىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى 54 گېنېراتور بىلەن قامدالدى ۋە 22 led ئېكران ئورنىتىلدى.

يىغىلىش مەيدانىدا ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تولۇق تارقىلىتىشى ئۈچۈن كىرانلار ئۈستىگە پولات سىملار ئورنىتىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 6000 مېتىرلىق پولات سىم ئىشلىتىلدى. كۆرۈنۈشلەر 5000 مېتىرلىق  فىبەر لىنىيە بىلەن تارقىتىلدى.

«دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى»نى يېقىندىن كۆزەتمەكچى بولغان چەت ئەللىك مېھمانلار ۋە ژۇرنالىستلارغا ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان « ibb simultane »سىستېمىسى بىلەن مۇلازىمەت قىلىندى.

ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە بولۇپ بەزى تىللاردا يانغونلار ئارقىلىق نەق مەيدان تەرجىمە مۇلازىمىتى بېرىلدى. يىغىلىشتا 48 كىشىلىك نەق مەيدان تارقىتىش ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر