ئەردوغان: زالىمغا يول قويۇش مەزلۇمغا قىلىنغان خىيانەتتۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يالغۇز تۈركىيەدىلا ئەمەس ئافرىقا ئەللىرىدىمۇ نوپۇز يارىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

546538
ئەردوغان: زالىمغا يول قويۇش مەزلۇمغا قىلىنغان خىيانەتتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مەركىزىي قاتارغا جايلاشقان ‹ئەلجەزىرە›تېلېزىيەسىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر دىنىي جامائەت ئەمەس، دۆلەت ۋە ئىقتىسادنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشقا ئورۇنۇۋاتقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «زالىمغا يول قويۇش مەزلۇمغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى بوشاڭلىق قىلمايمىز. ئۇلار خائىنلاردۇر، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلمايمىز» دېدى.

تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرىنى قومۇرۇپ تاشلايمىز، دۆلەتنى نۆلدىن قۇرۇپ چىقىمىز. خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنى تازىلايمىز. بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قوللايمىز» دېدى.

ئەردوغان، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ‹ئۆزىنىڭ دۆلەتنى خالىغانچە ئىدارە قىلىش قۇدرىتىگە ئېرىشكەنلىكى› توغرىسىدىكى دەۋالارغا رەددىيە قايتۇرۇپ، «بۇلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمەن. مەن تۈرك خەلقى ماڭا بەرمىگەن بىر ھوقۇقنى ئىشلەتمەيمەن. مەن ئاساسىي قانۇن ماڭا بەرمىگەن بىر سالاھىيەتنى ئىشقا سېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسمەن. بۇ، تاييىپ ئەردوغاننىڭ خاراكتېرىدۇر. پۈتكۈل دۇنيانىڭ بۇنى مۇشۇنداق، بىلىشىنى خالايمەن» دېدى.

غەربنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىگەن ئەردوغان سۆزىنى ئەسناسىدا، «غەرب بىزگە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلمىدى، ئۇلارنىڭ سۈكۈتلىرىنى ئەپۇ قىلغىلى بولمايدۇ. بىزگە ‹نۇرغۇن ئادەمنى خىزمەتتىن بوشاتتىڭلار، ئەسكەرلەر ۋە سوتچىلارنى تۇتتۇڭلار› دېيىشتى. سىلەرنىڭ تۈركىيەدە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، بىزنى ۋە دۆلەتتىكى سىستېمىنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق. بۇ ئادەم دۇرۇس ئەمەس. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى (جوسېف دۇنفورد) كەلدى. مەجلىس (پارلامېنت) بىنامىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇنى كىم بومباردىمان قىلدى؟ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

غەربنىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلەش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «مەن ‹ھەددىڭلارنى بىلىڭلار› دەيمەن. ئادىل بولۇڭلار، بىر خىل بولۇڭلار. خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىر ھۆكۈمەتكە قارشى قىلىنغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش كەچۈرۈلمەيدۇ. بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئالدىدا سۈكۈت قىلغانلار، ھاكىممۇتلەقچىلىك تۈزۈمىنى دېموكراتىيەدىن ئۈستۈن كۆرگۈچىلەردۇر. بۇ پىلانلارنى بۇزغان خەلقىمنىڭ پىشانىگە سۆيىمەن» دېدى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ گۈلەننى قايتۇرۇش ئۈچۈن پاكىت تەلەپ قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن كېچىسى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن بىلەن كۆرۈشتۈۈرۈلمەكچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭمۇ ئەڭ چوڭ پاكىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەرتىسى كۈنى تېلېفون ئېلىپ، شېھىتلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە دۆلىتىنىڭ ئۆزلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، سەيشەنبە كۈنى سودا – سانائەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن رۇسىيەگە بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان مۇساپىرلار كېلىشىمى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «مۇساپىرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىم ئىجرا قىلىنىشى لازىم. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغىچە بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە بىر قەدەم تاشلىغىنى يوق. دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە 3 مىليون سۈرىيەلىك ۋە ئىراقلىق بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇساپىر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق بىر مەسىلىسى يوق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر