ئەردوغان: بۇ ساختىپەزنى بۇنچىلىك چوڭايتىۋەتمەيلى، ئۇنىڭ ئۇنچىلىك قابىلىيىتى يوق

ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى، سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى PYD ۋە دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

545222
ئەردوغان: بۇ ساختىپەزنى بۇنچىلىك چوڭايتىۋەتمەيلى، ئۇنىڭ ئۇنچىلىك قابىلىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK، سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى PYD ۋە دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان TRT نىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، مۇخبىرلارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇل ئاخشىمىدىكى خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق خەلققە قىلغان «مەيدانلارغا چىقىڭلار» چاقىرىقىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشلارنى تەتۈرىگە يۈزلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەردوغان، ئارقىدىن ھەربىي – سىياسىي قوزغىغۇچىلار F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن مۇداخىلە قىلغان خەۋپلىك بىر سەپەردىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ جەرياندا يېنىدا بولغان ئايالى، قىزى ۋە كۈيئوغلى (ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق) نىڭ سوغۇققان ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، ئەمما، ياشلىرى بەكلا كىچىك نەۋرىلىرىگە ئاندا – ساندا تەسەللىي بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

2010 – يىلىدىن بۇيان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىي تورىنىڭ قانچىلىك كەڭ ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىدىن باشقىلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن دەسلەپ خەۋەر تاپقىنىدا ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ مەنسۇپلىرى ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھازىرقى باسقۇچتا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە باشقا ئىدارە – ئورگانلاردىن تازىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىنمىغانلىقىنى، لېكىن، ئۇلارغا قەتئىي مەرھەمەت قىلىنمايدىغانلىقى، ئەكسىچە بولغاندا شېھىتلەر ۋە غازىلارغا خىيانەت قىلىنغان بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ بىرلا بايراق ئاستىغا توپلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى راك ھۈجەيلىرىگە ئوخشاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «خەۋپ ئۆتۈپ كەتتى دېيىش ئۈچۈن، بۇ راك ھۈجەيلىرى پۈتۈنلەي قېزىپ ئېلىۋېتىلىشى كېرەك» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 15 – ئىيۇل كېچىسى مەيدانلارغا ئىگە چىققان، جېنىنى پىدا قىلىپ شېھىت بولغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ تېلېۋىزوردا تارقىتىلغان سۆزلىرىنى كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ھالدا ئاڭلىدى. ئۇ يەنە، غەرب ئەللىرىدىن ھازىرغىچە ھېچكىمنىڭ كېلىپ، بۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرمىگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بۇ دۆلەتنى يېتەكلىيەلمەيسىلەر، بۆلەلمەيسىلەر، پارچىلىيالمايسىلەر. مىللىي ئىرادىنى توسۇپ قالالمايسىلەر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

غەربنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى، ئۆزىگە ئۆزى كۇپايە قىلىدىغان ھالەتكە كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەردوغان، مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ ئۆزىگە تېلېفون قىلغان زاتلارنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى 239 شېھىت توغرىسىدا قەتئىي ئېغىز ئېچىپ قويماستىن، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلار ۋە ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىنكاسىنىڭ قاتتىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

2023 – يىلى (جۇمھۇرىيەتنىڭ 100- قۇرۇلۇش يىلى) غا قاراپ دادىل قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، مالىيە ساھەسىدە ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 170 – دۆلەتتىكى مەكتەپلىرىنىڭمۇ تاقىلىشقا باشلىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «چارە – تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە ئۇلار ئۈچۈنمۇ بالاغا ئايلىنىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى لىدېرىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا بىلەن ئالاقە ئورنىتىلىدىغانلىقىنى، بۈگۈنگىچە ئامېرىكا تۈركىيەدىن بىر تېررورچىنى تەلەپ قىلغىنىدا، دەلىل – پاكىت سوراپ ئولتۇرماستىن كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭمۇ بۇ جەرياننى ئۇزارتىۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشىنىڭ قېچىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «بۇ ئامېرىكىنىڭ جاۋابكارلىقىدۇر. بۇنداق بىر ئىشنى قانداق ئىزاھلاپ بېرەر» دېدى.

تۈركىيەدە يېقىن ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن بارلىق مەسىلىلەرنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىۋېلىشنىڭمۇ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بۇ ساختىپەزنى بۇنچىلىك چوڭايتىۋەتمەيلى، ئۇنىڭ ئۇنچىلىك قابىلىيىتى يوق» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

بىر قانچە يىل ئىلگىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى لىدېرىنى تۈركىيەگە كېلىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئەمما، ئۇنىڭ بۇنىڭغا يېقىنلاشمىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئامېرىكىدا تۇرغانسېرى ئەپسانىلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالغانلىقىنى، تۈركىيەگە قايتىپ قالسا، ئەپتى – بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۇنى ئۇ چاغدا ئەۋەتمىگەن ئۈست ئەقىل، ھازىرمۇ ئۇنى دۆلىتىمىزگە قارشى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئەردوغان، TRT قاناللىرىدا بۈگۈن كەچتە بىۋاسىتە تارقىتىلغان مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا 9 – ئاۋغۇستتا ئىشقا ئاشۇرىدىغان رۇسىيە زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ، زىيارىتىنىڭ 2015 – يىلى 24 – نويابىردىكى ئايروپىلان كىرىزىسىدىن ئېتىبارەن مەيدانغا چىققان سەلبىي شارائىتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان، رۇس لىدېر ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرىنى سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر