غەرب ئەللىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى دىققەت قوزغىماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپادىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ تۈركىيەگە قارشى تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى تۈركىيە رەھبەرلىرى ۋە خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتتا.

544110
غەرب ئەللىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى دىققەت قوزغىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن «‹ساباھ› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسىدىن كېيىنكى يېڭىچە سىياسىي قاراش» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تۈركىيە خەلقىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇشىنىڭ تۈرك دېموكراتىيەسى جەھەتتىن مۇھىم بىر كۈچ مەنبەسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ كوچىلار ھەم مەيدانلارغا چىقىپ، ۋەتەننى قوغداش ساداقىتى ۋە سۆيگۈسىگە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭمۇ جۈر بولغانلىقىنى ئەسكەرتىلگەن قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپانىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدىكى بۇ مىسلىسىز كۈرىشىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكىنى، توغرىراقى بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەندىن يوليۇرۇق ئالغانلىقى ھەم گۈلەننىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۈچۈن بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى  قەيت قىلغان قالىن مانا مۇشۇنداق ئوچۇق - ئاشكارا دەلىل – ئىسپاتلارغا ئاساسەن ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلەننى ئەنقەرەگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ۋاشىنگىتون فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكا قانۇن تۈزۈمىدىكى بوشلۇقلاردىن پايدىلىنىشىغا يول قويغان تەقدىردە، بۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئامېرىكا دۈشمەنلىكىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى، غەربلىك بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسياننىڭ جىددىيلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكىنى، بۇ كۈچلەرنىڭ تۈركىيەنى قوللاشنىڭ ئورنىغا تۈركىيەگە دېموكراتىيە ۋە قانۇن دەرسى بېرىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بەزىلەر خۇددى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە بىز ئۇرۇنغاندەك، ھە دېسىلا بىزنى ئەيىبلەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.»

قالىن جىددىىي ھالەت دائىرىسىدە گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە قولغا ئېلىنىش مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «فەتھۇللاھچىلارنى دۆلەت ئورۇنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش مەسىلىسى، 1990 – يىللاردىكى شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشى جەريانىدىكى بىرلەشمە كېلىشىمى باسقۇچىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق تەخمىنەن 500 مىڭ شەرقىي گېرمانىيەلىك مەمۇر ئىشتىن بوشىتىلغان ۋە ياكى قوغلانغان، ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مەمۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى قوغلانغان، ئىككى گېرمانىيە بىرلىشىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي 88 مىڭ كىشىلىك شەرقىي گېرمانىيە ئارمىيەسىدىكى بارلىق گېنېراللار ۋە قوماندانلار قوغلانغان، پەقەت ئاز ساندىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەسكەرلەرنىڭلا گېرمانىيە ئارمىيەسىدە قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانىدى.  گېرمانىيە دۆلىتى يەنە، شەرقىي گېرمانىيەدىكى سابىق ھۆكۈمەت بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن سەۋەب بىلەن،  كۆپلىگەن ئاكادېمىكلار، ئوقۇتقۇچىلار، دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلارنى ئىشتىن بوشاتقانىدى. گېرمانىيە دائىرىلىرى بۇ پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەرنى ئىككى گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالغانىدى. تۈركىيەنىڭ قانلىق ھەربىي ئىسياننى تارمار قىلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. دۆلىتىمىز نۆۋەتتە ھەربىي ئىسياننىڭ قورقۇنچلۇق نەتىجىلىرىدىن خالاس تېپىشقا تىرىشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر