ئەردوغان 15-ئىيۇل كېچىسى گىرېتسىيە ئاراللىرىغا كېتىش تەكلپىنى قەتئىي رەت قىلغان

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ئىيۇل كېچىسىدە ئۆزىگە قىلىنغان گىرېتسىيە ئاراللىرىغا كېتىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

543394
ئەردوغان 15-ئىيۇل كېچىسى گىرېتسىيە ئاراللىرىغا كېتىش تەكلپىنى قەتئىي رەت قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى-يوشۇرۇن دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغان 15-ئىيۇل كېچىدە، ئۆزىگە قىلىنغان كاتېر بىلەن گىرېتسىيە ئاراللىرىغا كېتىش تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خەلقىم كوچىلارغا چىققان بۇ ھالقىلىق كۈندە ئۇلارنىڭ قېشىدا بولۇشىم كېرەك، دەپ جاۋاب بەردىم.»

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ئەسناسىدا ۋە كەينىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جىم تۇرۇۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «دوستلىرىمىز ھامان بىر كۈنى بىزنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا ئوخشاش يەنە بىر تىراگېدىيە يۈز بەرمەستىن بىزنى چۈشىنىپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

گېرمانيەنىڭ كۆھلىن شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى تۈركلەر ئۇيۇشتۇرغان دېموكراتىيە يىغىلىشىغا ئۆزىنىڭ ۋىدىئو كونفرانسى ئۇسۇلى ئارقىلىق قاتنىشىشىنى ھەزىم قىلالمىغانلارنىڭ چىققانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ تۈركلەرنىڭ يىغىلىشى توغرۇلۇق تېز سۈرئەتتە قارار چىقارغانلىقىنى، بىراق تېررورچىلار ئۈستىدە بۇنچىلىك تېز سۈرئەتتە قارار چىقارماسلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئەردوغان تېررورىزىم بىلەن ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا بىرلىكتە قارشى چىقالمىغان خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقە نوقۇل ئىچى قىسىمدا پىلانلانغان ۋەقە ئەمەس. بۇ ئىچكى قىسىمدا ئورۇندىغۇچىلىرى بولغان، سىنارىيەسى سىرتتا يېزىلغان ھەربىي-سىياسىي ئىسياندۇر. بىراق بۇنى قىلغانلار بىر ئىشنى نەزەرگە ئېلىشتىن ئاجىز كېلىشتى. يەنى مىللەتنىڭ كۈچىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشتى. بۇ مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تانكىلارنىڭ ئالدىدا ياتالايدىغان جاسارەتكە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇشمىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر