ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جوسېف دۇنفوردنىڭ زىيارىتى باشلاندى

ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد تۈركىيە زىيارىتىنى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىن باشلىدى.

542748
ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جوسېف دۇنفوردنىڭ زىيارىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد تۈركيەگە كەلدى. ئۇ ئاالدى بىلەن، زىيارىتىنى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىن باشلىدى. ئۇ ئىنجىرلىكتىن كېيىن، ئەنقەرەدە تۈركىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ئەنقەرەدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان ئۇنسۇلار تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نى زىيارەت قىلدى ۋە ئارقىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ سۆزىدە، مەجلىسنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈرك مىللىتىگە سەۋر تىلىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن يىللاردىن بېرى بار بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ 15-ئىيۇل كېچىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا مەجلىسنىڭ ئوچۇق بولۇشى ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بومباردىمان جەريانىدا بۇ يەردە بولۇشىنىڭ غايەت زور جاسارەتنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى. دۇنفوردنىڭ زىيارىتىگە ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىسى جون باسمۇ ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر