فەتھۇللاھ گۈلەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 گۇماندارنى سوتلايدىغان ۋاقىت ئېنىق بولدى
جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى فەتھۇللاھ گۈلەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 گۇماندارنى سوتلاش تەلەپنامىسىنى قوبۇل قىلدى.
535490
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 گۇماندارنى سوتلاش تەلەپنامىسى ئەنقەرە 4 – جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى تۇنجى قېتىم 2016 – يىلى 22 – نويابىردىن 25 – نويابىرغىچە سوتلىنىدۇ.
تەلەپنامىدە قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش، باشقۇرۇش، ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى سەۋەبلىك گۇماندارلارنىڭ ھەر بىرىگە 2 قېتىمدىن مۇددەتسىز ۋە 65 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.