باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى جىددىي ھالەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى جىددىي ھالەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

534151
باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى جىددىي ھالەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى، ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش قارارى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «بۇ مۇساپىدە ھاياتنىڭ نورمال رىتىمىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق سىياسەت يولغا قويۇلمايدۇ» غانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان خىيانەت گۇرۇھىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چېكىندۈرۈلگەنلىكى ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ لايىق جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان چارە – تەدبىرلەرنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «بۇ جىنايى ئىشلار تەشكىلاتىدىن دۆلىتىمىزنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزۇش زۆرۈرىيىتى توغۇلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، چىقىرىلغان ئۈچ ئايلىق ‹جىددىي ھالەت› قارارىنىڭ كۈندىلىك ھاياتقا قەتئىي سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ھالدا، «بۇ مۇساپىدە ھاياتنىڭ نورمال رىتىمىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچبىر بىر سىياسەت يولغا قويۇلمايدۇ؛ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يوقىتىش ۋە زىيانلارنىڭ ئورنى تولدۇرۇلىدۇ؛ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار غەم – قايغۇلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ باشقۇرۇشتا ماسلىشىشچانلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، كېرەكلىك بەلگىلىمىلەر تېخىمۇ تېز چىقىرىلىدۇ ۋە قانۇنغا زىت چەكلىگۈچى ھېچقانداق سىياسەت ئىجرا قىلىنمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

جىددىي ھالەت جەريانىدا قىلىنىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تېز سۈرئەتتە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە تەقدىم قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، «دۆلەت ۋە مىللىتىمىزنىڭ داۋامى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ چىقارغان بۇ ئاچقۇچلۇق قارار، بىۋاسىتە تەرتىپ – ئىنتىزامنىڭ قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاراردۇر» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر