«ئۇ» كېچىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا يۈز بەرگەن ئىشلار

«ئۇ» كېچىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا تارىخ سەھىپىلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان ۋە پۈتكۈل جاھانننى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان ئىشلار يۈز بەردى.

533616
«ئۇ» كېچىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا يۈز بەرگەن ئىشلار
tbmm darbe girişimi gecesi 3.jpg
tbmm darbe girişimi gecesi 1.jpg
tbmm darbe girişimi gecesi 2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر ئۇچۇم ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى قەھرىمانلارچە قارشى چىقىپ، تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە گۇرۇپپىسى بار 4 سىياسىي پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى f-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىغا قارىماي ئومۇمىي كېڭەشنى تەرك ئەتمىدى،  ھەتتا پارلامېنتقا سەلدەك ئېقىپ، دۆلىتىگە ۋە ئۆزلىرىنى سايلىغان خەلقىگە ساھىب چىقتى. ھالبۇكى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەزالىرى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن خەلققە «بىز ۋەزىپىمىزنىڭ ئۈستىدىمىز» دەپ خىتاب قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مېھمان قوبۇل قىلىش زالىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشكەن بومبا پۈتكۈل پارلامېنت بىناسىنى تەۋرىتىۋەتكەنىدى. زالنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشكەن پارچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتاتتى، بۇ پارچىلاردىن چىققان ئاۋازلار قۇلاقنى ياراتتى، ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن چاڭ – تۇزانلار ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەچكە، قولنىڭ ئۇچىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.

باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان جايلار ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەنىدى.

شۇڭا پارلامېنت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى دەرھال يەر ئاستىدا پاناھلىنىش جايلىرىدا پاناھلىنىش تەكلىپىنى سۇندى.

دەل شۇ چاغدا، ئومۇمىي كېڭەش مۇنبىرىدىن ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى.

بوزداغ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامانغا خىتابەن مۇنداق دېدى: «پارلامېنت باشلىقى جانابلىرى! ئەگەر پارلامېنتنى بۇ يەردە تاقىۋېتىپ، يەر ئاستى پاناھلىنىش جايىدا پاناھلانساق، ئەزىز خەلقىمىز بىزنى بۇ ۋەتەن خائىنلىرىدىن قورققان ئوخشايدۇ دەپ خاتا ئويلاپ قالىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە پارلامېنتىمىزنى قوغداش ۋە نۆۋىتى كەلگەندە ئۆلۈشتۇر.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ سابىق باشلىقى جەمىل چىچەكنىڭ ئېيتىشىچە، دەل شۇ پەيتلەردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىلكنۇر ئىنجەئۆزۈگە تېلېفون قىلىپ، «مىسلىسىز ساداقىتىڭلار ئارقىلىق تارىخ يېزىۋاتىسىلەر» دەۋاتاتتى.

پارلامېنت باللىقى ئىسمائىل قاھرامان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا ئورتاق باياننامە ئېلان قىلىش تەكلىپى سۇندى.

خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق باياننامىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، قەلەم بىلەن يېزىلغان باياننامە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى.

بۇ ئارىلىقتا، پارلامېنت مۇھاپىزەتچىلىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى نۇرۇللاھ ئۆزتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە مەجلىسنىڭ ئالدى باغچىسىغىچە بېسىپ كېلىۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلانلارغا تاقابىل تۇردى. ئارقىدىنلا مەجلىس دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان تانكىلاردىكى ۋەتەن خائىنلىرى بىلەن توقۇنۇشلار باشلاندى.

ۆز ئائىلىسىدىن قىلچە خەۋەر ئالالمىغان ھالدا، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىش بەدىلىگە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى، ئەزىز ۋەتىنىنى ۋە خەلقىنى جان تىكىپ قوغداۋاتقان بۇ قەھرىمان مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ بىر قىسمى بومبا پارچىلىرىدا يارىلاندى.

ئويۇننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە پەسكەش بىر پىلانغا ئاساسەن ئوينىلىۋاتقانلىقى ئاستا - ئاستا ئايدىڭلىشىشقا باشلىغان مىنۇتلار ئىدى:

تۈركىيە ئارمىيەسى مەنسۇبى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر تېررورىستلار گۇرۇھى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى بومبىلاپ، تۈرك ساقچىلىرىغا ئوق ياغدۇرۇۋاتاتتى، كوچىلارغا چىقىپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە خەلقىنى تانكا بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتى.

ئادەمنىڭ بۇ مەنزىرىگە قاراپ، «پەقەت چەت ئەل  ئىشغال كۈچلىرىلا مۇشۇنداق قىلىشى مۇمكىن» دېگۈسى كېلەتتى، چۈنكى بۇنداق ئىشلار پەقەت دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇش جەريانىدىلا يۈز بېرەتتى.

دېمەك، شۇ كېچىشى تۈركىيە خەلقىگە قارشى بۇنداق ۋەھشىيلىكلەرنى سادىر قىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈرك، مۇسۇلمان، ھەتتا ئىنسان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى جىددىي يىغىن چاقىردى. پارلامېنت باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان يىغىندا تۈركىيە خەلقىگە مۇنداق خىتاب قىلدى:

«خەلقىمىزگە بۇنداق ئېچىنىشلىق دەرد – ئەلەملەرنى تارتقۇزغانلار چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ. غازى مەجلىسىگە بومبا تاشلاندى... ئەزىز خەلقىمىز بېقىۋاتقان ۋە بىزنى ھەم ۋەتىنىمىزنى دۈشمەنلەرگە قارشى قوغدىسۇن دەپ قولىغا قورال تۇتقۇزغان ئۇنسۇرلار خەلقىمىزگە قورال تەڭلىدى. خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق قارا كۈننىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمەن. ھازىر سوغۇققانلىق ۋە قەتئىي ئىرادىمىز بىلەن، بۇ مەسىلىنى تېگى – تەكتىدىن ھەل قىلىشنىڭ، دەرد – ئەلەملىرىمىزگە شىپالىق تېپىشنىڭ دەل ۋاقتىدۇر. مەجلىس تۈن بويى دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا نۆۋەتچىلىك قىلغانىدى. ھازىرمۇ بۇ يەردە 4 پارتىيەمىزنىڭ ئورتاق باياننامىسىنى بىرلىكتە ئوقۇپ، خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز. ئىگىلىك ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەت خەلققە ئائىت بولۇپ، ئەزىز خەلقىمىزنىڭ تەلىپىمۇ دەل مۇشۇ.»

قاھرامان كېيىنچە ئورتاق باياننامىنى ئوقۇدى.

ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ۋە پارلامېنت نىشان قىلىنغان ھۇجۇملار قاتتىق ئەيىبلەنگەن باياننامىدە، «بۈگۈنمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مىللىي ئىرادىگە ۋە غازى مەجلىسىگە سوزۇلغان ھەرقانداق بىر قول تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسىنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ، كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ» دېيىلىش ئارقىلىق، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۈركىيە خەلقىگە ۋە دېموكراتىيەگە بولغان ئىگىلمەس - سۇنماس قەتئىي ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيە پارلامېنتى مانا مۇشۇنداق تارىخىي مىنۇتلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىليونلارچە خەلق تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ مەجلىسىگە، جۇمھۇر رەئىسىگە ۋە كېلەچىكىگە ساھىب چىقىپ، پۈتكۈل جاھاننى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قەھرىمانلىق داستانلىرىنى يېزىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر