فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى(FETÖ)غا قارشى چىققان تۈركىيە خەلقى مەيدانلارنى بوش قويمىدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى(FETÖ) نىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىغا قارشى دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇش پائالىيىتى تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە تەڭ داۋاملاشماقتا.

533294
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى(FETÖ)غا قارشى چىققان تۈركىيە خەلقى مەيدانلارنى بوش قويمىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى(FETÖ) نىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشىغا قارشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى بىلەن تۈنجى كۈنىدىن باشلاپ مەيدانلارنى بوش قويمايۋاتقان تۈرك خەلقى تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتى تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەنقەرەدە دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتى ئاخشامغا يېقىن قايتىدىن باشلاندى.

خىزمەتتىن چۈشكەن مىڭلىغان كىشى قوللىرىدا تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا قىزىل ئاي مەيدانىغا قاراپ ئاقتى.

يەنە بىر تەرەپتىن بەشتەپەدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئالدىدا نۆۋەت تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان خەلق ئاممىسنىڭ سانى ئاخشامغا يېقىن تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. خەلق نامازلىرىنى مىللەت جامەسىدە ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشلىرى تۈپەيلىدىن شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، دۇئا قىلىشتى.

ئىستانبۇلدىمۇ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان مىڭلىغان كىشى دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەقسىم مەيدانىدىكى دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىگە قاتناشقان مىڭلىغان كىشىلەر ئىچىدە ئاتاقلىق سەنئەتچىلەر ۋە رادىيو پىروگرامچىلىرىمۇ بار ئىدى.

كىسىكلىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا توپلاشقان خەلق ئاممىسى ئاتاقلىق سەنئەتلچىلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن «دېموكراتىيەنى قولللايمىز، ھەربىي ئۆزگىرىشنى رەت قىلىمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

ساراچخانىدىكى دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتى پائالىيىتىگە ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباشمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر