تۈركىيە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن قەتلىئامنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە فىرانسىيەنىڭ نىيس شەھىرىدە يۈز بەرگەن قەتلىئامنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

529727
تۈركىيە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن قەتلىئامنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم فىرانسىيەنىڭ نىيس شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى فىرانسۇزچە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئەيىبلىدى.

يىلدىرىم باياناتىدا، «تېررورىزم پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتتۇر. فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن، قازا قىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئىنگلىزچە باياناتى ئارقىلىق فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل ھېس – تۇيغۇلىرىم ھۇجۇمنىڭ قۇربانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىللە. قەيەردە، قايسى شەكىلدە ۋە قانداق سەۋەب بىلەن بولسا بولسۇن، ئىنسانىيەتكە ھۇجۇم قىلسا، تېررور دائىما ۋەھشىيدۇر. شۇڭا تېررورغا قارشى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.»

مالىيە مىنىستىرى ناجى ئاغبال بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئورتاق تونۇش ئاساسىدا كۈرەش قىلىشىغا تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر