«خەلقئارا جەمئىيەت ھۇشيار بولمىسا سۈرىيەدىمۇ سرېبرېنىتسا قەتلىئامىغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن خەلقئارا جەمئىيەت ھۇشيار بولمىسا، سۈرىيەدىمۇ سرېبرېنىتسا قەتلىئامىغا ئوخشاش داۋاملىق قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

529359
«خەلقئارا جەمئىيەت ھۇشيار بولمىسا سۈرىيەدىمۇ سرېبرېنىتسا قەتلىئامىغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن «‹ Daily Sabah › گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «سرېبرېنىتسادىن سۈرىيەگىچە: يەكۈنلەنمىگەن تەجرىبە - ساۋاقلار» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان سرېبرېنىتسادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگىنىگە 21 يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ناتسىستلارنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ياۋروپالىق يەھۇدىيلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قېلىشمايدىغان شەكىلدە 8 مىڭدىن ئارتۇق بوشناق ئەر ۋە بالىنىڭ قەتل قىلىنىشىغا خەلقئارا تۈزۈمنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنە شۇنداق بىر ئىنسانىي تىراگېدىيە ئۇرۇش ئالتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان سۈرىيەدە يۈز بەرمەكتە، ھالبۇكى، خەلقئارالىق تۈزۈم بۇ تىراگېدىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىشىگە يول قويۇۋاتىدۇ. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قەتلىئام بولغان سرېبرېنىتسا قەتلىئامى ۋە يېقىن تارىخنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئۇرۇشى ھېسابلىنىدىغان تىراگېدىيە خەلقئارالىق تۈزۈمنىڭ  سۈرىيە كىرىزىسى، سرېبرېنىتسا قەتلىئامى، ئۇرۇش، دۆلەت تېررورى ۋە ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان دەرد – ئەلەملەرگە چارە تاپالماسلىقىدەك مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. 1995 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا مىڭلارچە ئايال بوشناق ‹بوشناق جاللىتى› دەپ ئاتالغان راتكو مىلادىچ قوماندانلىقىدىكى سېرب قىسىملىرى تەرىپىدىن ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. سرېبرېنىتسا قەتلىئامىدىن ۋە بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئۇرۇشىدىن تېگىشلىك ئاچچىق – ساۋاقلارنى يەكۈنلىيەلىدۇقمۇ؟ شۇ كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ۋە قەتلىئاملارغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيلەرچە جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلار ئادالەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەكمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىشمۇ گۇمانلىق، ئەلۋەتتە. سرېبرېنىتسا قەتلىئامىدىن يەكۈنلەشكە تېگىشلىك بولغىنى، ئەسلىدە ئەخلاقي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ساۋاقلاردۇر، بۇنداق قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر