يۇنېسكو يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم – پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى يۇنېسكو (UNESCO) دۇنيا مىراس كومىتېتىنىڭ 40 – نۆۋەتنلىك يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدى.

526956
يۇنېسكو يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم يۇنېسكو كومىتېتىنىڭ 40 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ئۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا، يۇنېسكوغا چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يۈز يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان، ئىككى قىتئەنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىستانبۇلنىڭ ئۈستى ئوچۇق مۇزېيىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يۇنېسكونىڭ 40 – نۆۋەتلىك كومىتېت يىغىنىنىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلىشىنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ يۇنېسكو قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ غەيرەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نىشان قىلغان نۇقتىغا يېتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشلار مەدەنىيەتلەر بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بايلىقلارنى يوق قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات نامىدا ئۆتمۈشىمىزگە ئائىت بايلىقلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن يوقىتىۋاتىمىز. مانا بۇ نۇقتىدا يۇنېسكوغا چوڭ ۋەزىپىلەر چۈشىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتلەر يۇنېسكودا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ھەسسە قوشۇشى ۋە ئۆتمۈشتىن كەلگەن مىراسلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. بۇ نۇقتىدا، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگىمۇ چوڭ ۋەزىپىلەر چۈشىدۇ. ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا، يۇنېسكونىڭ كېيىنكى يىللارغا قارىتىلغان تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قارارلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ۋە پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. بارلىق يىغىن قاتناشچىلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر