ئەردوغان ۋارشوۋادا قويۇق ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋارشوۋادا ياۋرروپا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

526119
ئەردوغان ۋارشوۋادا قويۇق ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
erdogan-merkel.jpg
erdogan-cameron.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋارشوۋادا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى دېيۋىد كامېرۇن بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان بىلەن مېركېل كۆرۈشكەندە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئەردوغان بىلەن دېيۋىد كامېرۇن كۆرۈشكەندە بولسا، تۈركىيە-ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن باشقا، بىرېتىكىس رېفېراندۇمىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمۇ كېڭەش قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافغانىستانغا قارىتىلغان «جىددىي خاراكتېرلىك قوللاش»ھەربىي ھەرىكىتى ناملىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارقىدىن شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئەردوغان ناتو-ئۇكرائىنا كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر