لىجەدە ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى
دىياباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.
521910
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 22 – ئىيۇن لىجە ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن پ ك ك تېررورىستلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى. تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى. يارىلانغان ئەسكەر دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.
رايوندا پ ك ك تېررورىستلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.