قايغۇلۇق خەۋەر: ئالتە ئەسكەر شېھىت بولدى

ماردىننىڭ دەرىك ناھىيەسى ۋە ھاككارىدا پ ك ك تېررورىستىلىرىنىڭ خائىنلارچە قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە ئەسكەر شېھىت بولدى.

517410
قايغۇلۇق خەۋەر: ئالتە ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىننىڭ دەرىك ناھىيەسىدە ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى. ماردىن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن (24 – ئىيۇن) ئەتىگەن 06:20 دە دەرىك ناھىيەسىنىڭ بايىر مەھەللىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، پ ك ك تېررورىستلىرى خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە يارىلانغان ئىككى ئەسكەر قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«قەھرىمان شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىلىرىگە ۋە خەلقىمىزگە سەۋر تىلەيمىز. رايوندا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ۋە بىخەتەر ھالدا تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرىمىز قەتئىي داۋام قىلماقتا.»

ھاككارىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ھاككارى – چۇكۇرجا تاشيولىدىكى چىمەنلى يېزىسى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئۆتۈۋاتقان پەيتتە ئۆزى ياساپ يولغا كۆمگەن بومبىنى پارتلاتقان. پارتلاشتا تۆت ئەسكەر شېھىت بولغان.

رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر