چاۋۇشئوغلۇ: كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈش تۈزۈلمەسلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىپ قىلىنمايدىغانلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

516136
چاۋۇشئوغلۇ: كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈش تۈزۈلمەسلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ ماۋى مارمارا ھۇجۇمدىن كېيىن يىرىكلىشىپ كەتكەن تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن قويغان شەرتلىرىنىڭ ئاددىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا «ئىنسانپەرۋەر ياردەملەر غەززەگە يېتىپ بېرىشى كېرەك» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، «ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىشتا ھاماس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە بار، دەپ ئويلىمايمەن. مۇزاكىرىلىرىمىزدە ھاماس، دەيدىغان بىر شەرت يوق، ئۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر