ئەردوغان: ياۋروپا ئەللىرىنىڭ «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېيىشكە ھەققى يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېيىشكە ھەققى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

513427
ئەردوغان: ياۋروپا ئەللىرىنىڭ «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېيىشكە ھەققى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقان ۋە ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ كارىدورلىرىغا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايرىقىنى ئېسىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلەر ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلەرنىڭ بۇ دۆلەتتە ‹بىز تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز› دېيىشكە ھەققى يوق. بۇنى ياۋروپا پارلامېنتى رەھبەرلىرىگە دەۋاتىمىز، سىلەر زادى كىمنى ئالداۋاتىسىلەر؟ سىلەر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ تۇرۇپ، ھەرگىزمۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر