ماردىندا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

بۈگۈن (8 – ئىيۇن) ئەتىگەن ماردىننىڭ مىديات ناھىيەسىنىڭ ساقچى ئىدارىسى باتماندىن كەلگەن بولۇشى پەرەز قىلىنغان بىر ئاپتوموبىل بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

506522
ماردىندا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىن مىديات ناھىيەسىنىڭ ساقچى ئىدارىسىغا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى قىلىندى. ھۇجۇمدا يارىلانغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىلاردا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلقى بىلدۈرۈلمەكتە. پارتلاشنىڭ تەسىرىدە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى بىنالار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. رايونغا زاپاس ساقچى قىسىم ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

ئېلىنغان دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا بىر ساقچى ۋە ئىككى پۇقرا شېھىت بولغان. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن خەۋەر تاپقان نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارغا قان بېرىش ئۈچۈن توپلانغان.

پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆتكەن ئايمۇ مەزكۇر ناھىيەدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ساقچىنى شېھىت قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر