گۈمۈشخانەدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

گۈمۈشخانەنىڭ تورۇل ناھىيەسىدە بىر ھەربىي ئاپتوموبىل تېررورچىلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

504448
گۈمۈشخانەدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۈمۈشخانەنىڭ تورۇل ناھىيەسىدە بىر ھەربىي ئاپتوموبىل تېررورچىلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاپتوموبىلدىكى بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر ئېغىر يارىلاندى.

يارىلانغان ئەسكەر گۈمۈشخانە دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىرناقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن توقۇنۇشقان بىر ۋاقىتلىق يېزا مۇھاپىزەتچىسى شېھىت بولدى.

بىر تۈركۈم تېررورچىلار مەركەزگە قاراشلىق يېڭى ئاسلانباشار يېزىسى قوراللىق ساقچى پونكىتىغا راكېتامىيوت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى. خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ھۇجۇمدىن كېيىن قاچقان تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە باشلانغان ئىزدەش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر