ئەردوغان كېنىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ئۇگاندا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كەچ تەرەپلەردە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى كېنىيەگە يېتىپ باردى.

502431
ئەردوغان كېنىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن نايروبىدە قويۇق پىروگراممىسى بار بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا كېنىيە زىيارىتىدە كۆپ ساندىكى كارخانىچىلار ھەمراھ بولماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى جومو كېنياتتانىڭ قەبىرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويىدۇ. ئارقىدىن پىرېزىدېنت سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەردوغاننىڭ كېنىيە پىرېزىدېنتى ئۇھۇرۇ كېنياتتا بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئىككى رەھبەر ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالىنىدىغان زىيارەتتە ئەردوغان بىلەن كېنياتتا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نايروبىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىمۇ زىيارەت قىلىدىغان ئەردوغان بۇ يەردە كۆچەت تىكىدۇ، كەچ تەرەپلەردە ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر