شەمدىنلى ناھىيەسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈنۈگۈن (30 – ماي) ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ ئاپىرىلغان دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

500880
شەمدىنلى ناھىيەسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (30 – ماي) شەمدىنلى ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە يارىلانغان بىر ئەسكەر قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

ناھىيە يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قورال – ياراغ ئىسكىلاتى ۋە پاناھلىنىش ئۇۋىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نۇقتا بىتچىپ قىلىندى.

شىرناقتا ساقچى ئاپتوموبىلى ئۆتۈۋاتقاندا تېررورىستلار تەرىپىدىن پارتلىتىلغان بومبىنىڭ تەسىرىدە تۆت ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، بەش ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 ئادەم يارىلاندى.

سىلوپى ناھىيە مەركىزىدە كەچ ۋاقىتتا چىققان ۋەقەلەردە تۆت ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ياشلىق بىر بالىمۇ بار. يارىلانغانلار ئارىسىدا بولسا، كىملىكى نامەلۇم ئالتە ئايلىق بىر بوۋاق بار. پارتلاش يۈز بەرگەن كوچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۆي ۋە نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللار ئېغىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

رايوندا، پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر