ئەردوغان: زەپەر قۇچقان تەرەپ بىز بولىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا توختىلىپ، «نېمە قىلسا قىلسۇن، نەتىجىدە زەپەر قۇچقىنى بىز بولىمىز» دېدى.

499954
ئەردوغان: زەپەر قۇچقان تەرەپ بىز بولىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋە مىنىستىرلارنىڭ ھەمرالىقىدا ئېلىپ بارغان دىيارباكىر زىيارىتى دائىرىسىدە 12 – ماي كېچىسى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن 15 توننا پارتلاتقۇچ قاچىلانغان ئاپتوموبىل پارتلىتىلىپ 16 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 23 ئادەم يارىلانغان دۈرۈملۈ ناھىيەسىنىڭ تانىشىك يېزىسىغا بېرىپ، خەلققە تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرەلمىگەنلەر دۆلەتنىڭ ئىچى – سىرتىدا ئەقىل ئۆگەتمەكتە. (ئۇلارنى) ئۇست ئەقىل باشقۇرماقتا» دېدى.

«دۆلىتىمىز كۈچلۈكتۇر» دېگەن ئەردوغان، شېھىت ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا «سىلەر بىلەن ھەمنەپەسمىز» دېگەن سىگنالنى بەردى ۋە بارلىق شېھىت ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ بۇ مۇساپىدە نامايەن قىلغان سەۋر قىلىش رۇھىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، «قەتئىي شۈبھىلەنمەڭلار، بۇ ئىشتا غەلىبە قىلىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ رەپىقىسى سەمىھا يىلدىرىممۇ ئاياللار يىغىلىشقان تەزىيە ئۆيىنى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر