مۇغلادا 48 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

مۇغلانىڭ ياتاغان ناھىيەسىدە 48 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى.

499471
مۇغلادا 48 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچىلار ئايدىن – ياتاغان دۆلەتلىك تاش يولىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كونىترول نۇقتىسىدا 2 مىنىبۇسنىڭ يول چېتىگە توختىتىپ قويۇلۇشىدىن گۇمانلىنىپ، تەكشۈردى. شوپۇرلىرى تەرك ئەتكەن مىنىبۇسلاردا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق گىرېتسىيەنىڭ كوس ئارىلىغا كېتىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئافغانىستانلىق، سۈرىيەلىك، پاكىستانلىق ۋە بىرمىلىق 48 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا ئېلىپ، مۇغلا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چەت ئەللىكلەر بۆلۈمىگە تاپشۇرۇپ بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدىرنەدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان 31 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى. ساقچىلار كەمالكۆي ۋە خاتىپكۆي يېزىلىرىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان  ئافغانىستانلىق، سۈرىيەلىك، پاكىستانلىق ۋە ئىرانلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قولغا ئېلىپ، ئەدىرنە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چەت ئەللىكلەر بۆلۈمىگە تاپشۇرۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر