ئەردوغان خەلقئارالىق تۈزۈمنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيادا مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئازاب – ئوقۇبەت، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

497638
ئەردوغان خەلقئارالىق تۈزۈمنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان دۇنيا ئىنساني يىغىنىنىڭ يېپلىشىدا قىلغان سۆزىدە، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، جۈملىدىن يىغىندا مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنغانلىقىنى، ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر، بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى، يىغىنغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدىكى نىشانلىرىنىڭ ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنى ھەل قىلىش، ئىنسان ۋە ئىنسان شەرىپىنى ئاساس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى، ئىنسانلارنىڭ شان – شەرىپى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچى دەپ قارىغانلىقلىرىنى، شۇڭا يىغىن جەريانىدا كۆپلىگەن ئىشتىراكچى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىي كۈنتەرتىپكە ئاساسەن نۇرغۇنلىغان ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكلىرىنى، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى، ھەتتا ئوخشاش رايونلاردىكى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ياشاش ئۆلچەملىرىنىڭ بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتە باياشاتلىق، ئىسراپچىلىق ۋە پاراۋانلىق ھۆكۈم سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتە مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئازاب – ئوقۇبەت، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق ئىچىدە تۇرمۇشىنى قامداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ ئادىل دۇنيا ئەمەستۇر. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېچقانداق بىر ئەزاسى ۋە ۋىجدانلىق دۆلەتلەر بۇ تەڭسىزلىك ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقى لازىم. بۇ مەسىلىدە دۇنيا ئىنساني يىغىنىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر