تۈركىيەدە 65-ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا
تەيىنلەنگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى بىنالى يىلدىرىم، تۈنۈگۈن كەچكىچە ئاق پارتىيە باش مەركىزىدە جىددىي خىزمەتلەر ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تەيىنلەنگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى بىنالى يىلدىرىم، تۈنۈگۈن كەچكىچە ئاق پارتىيە باش مەركىزىدە جىددىي خىزمەتلەر ئېلىپ باردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسانبۇلدىن ئەنقەرەگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بىنالى يىلدىرىمنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.
ئەردوغان بىلەن بىنالى يىلدىرىم 2 سائەت كۆرۈشتى. يىلدىرىم سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئايرىلدى. بىنالى يىلدىرىم بۈگۈن سائەت 10 يېرىمدا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا يەنە بارىدۇ. يىلدىرىم ئەردوغاننىڭ تەستىقىدىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت كابىنت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىنىستىر فىدان ئىسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە غەززە ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.