65-ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى بىنالى يىلدىرىم 65-ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

496810
65-ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 65-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مىنىستىرلارنىڭ ئىسىملىرى ئايدىڭلاشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بىنالى يىلدىرىمنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت كابىنتىنى تەستىقلىدى.

يېڭى ھۆكۈمەت كابىنتىدا نۇمان كۇرتۇلمۇش، نۇرەتتىن جانىكلى، تۇغرۇل تۈركەش، مەھمەت شىمشەك ۋە ۋەيسى كايناك مۇئاۋىن باش مىنسىتىرلىققا تەيىنلەندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك بولدى. تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋەزىپىسىنى داۋملاشتۇرىدۇ.

65-ھۆكۈمەتتە بىردىنبىر ئايال مىنىستىر بولسا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنسىتىرلىقىغا تەيىنلگەن فاتما بەتۈل سايان بولدى. يېڭى ھۆكۈمەت كابىنت تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە بېرىپ، پارتىيەنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىلدىرىم سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئاڭ بىلەن دوستلىرىمىزنىڭ سانىنى ئاشۇرىمىز، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ سانىنى ئازايتىمىز.»

يىلدىرىم ئارقىدىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چانكايا سارىيىغا باردى. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر