سۈرىيەلىكلەر تۈركىيەدە ئىشلەش تۈزۈمىدىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
دۆلەتلىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ تۈركىيەدە پاناھلانغان سۈرىيەلىكلەر، تۈركىيەدە ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان نىزامنامىدىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15- يانۋاردا رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ‹ۋاقىتلىق مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت قىلىشىغا دائىر نىزامنامە› دائىرىسىدە كېرەكلىك شەرتلەرنى ھازىرلاپ ئىلتىماس سۇنغان 3800 سۈرىيەلىك تۈركىيەدە ئىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى.
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئەمگەك ئىشلىرى باش ئىدارىسى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قۇرۇلۇش، توقۇمىچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى بويىچە ئىشلەش ئىجازىتى بەردى.
سۈرىيەلىكلەرگە بېرىلگەن بىر يىل مۇددەتلىك ئىشلەش، خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى مۇددىتى تۈگىگەندە ئۇزارتىلسىمۇ، بۇ ئىجازەتنامىنى ئىقامەتنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.