چەركەز قەتلىئامى بىلەن سۈرگىنىنىڭ 152-يىللىقى خاتىرىلەندى

چەركەزلەر 1854-يىلى ئانا يۇرتلىرىدىن رۇسلار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 152-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى.

495278
چەركەز قەتلىئامى بىلەن سۈرگىنىنىڭ 152-يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەركەزلەرنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن كاۋكاسىيەدىن سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ 152-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. 
1864-يىلى 2 مىليون چەركەز ئانا يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىندى. 500مىڭغا يېقىن ئادەم سۈرگۈن ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. پايتەختتە يىغىلىش ۋە نامايىشلارنىڭ ئادېرىسى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئىدى. 
رۇسىيە ئەلچىخانسى ئالدىدا چەركەز جەمئىيەتلىرى فېدراتسىيەسى ئەزالىرى نامايىش ئۆتكۈزدى، ئىستانبۇلدا قوللىرىدا مەشئەل بىلەن ئىستىقلال كوچىسىغا يىغىلغان چەركەز جەمئىيەت ئەزالىرى رۇسىيە كونسولخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. يۈرۈش ئەسناسىدا شوئارلار توۋلاپ رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. 
نامايىشچىلار چەركەزلەرگە قىلىنغان زۇلۇم ۋە قەتلىئامنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشتى. 
نامايىشقا قاتناشقانلار چەركەزچە سۈرگۈن يىللىرىدا يېزىلغان قەسىدىلەرنى ئوقۇشتى. 
نامايىشنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە فېدراتسىيەسى كونسولخانىسى ئالدىغا قارا گۈلچەمبەرەك قويۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر