ئەردوغان ئانگېلا ماركېلنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ

سىتففېن سېيبېرت، ئۇچرىشىشتا پاناھلانغۇچىلارغا دائىر تېمىلارنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماركېلنىڭ تۈركىيەدە بەزى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

494960
ئەردوغان ئانگېلا ماركېلنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 23 – ماي دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركېلنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى سىتففېن سېيبېرت، فېدېراتسىيە ئاخبارات مەركىزىدە چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ماركېلنىڭ 22 – ماي يەكشەنبە كۈنى ب د ت دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ئالىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسانبۇلغا بارىدىغانلىقىنى ۋە ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنى دائىرىىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سىتففېن سېيبېرت، ئۇچرىشىشتا پاناھلانغۇچىلارغا دائىر تېمىلارنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماركېلنىڭ تۈركىيەدە بەزى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سىتففېن سېيبېرت، ماركېلنىڭ ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسى رەئىسلىكىگە نامزات كۆرسىتىلگەن بىنالى يىلدىم بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش ياكى بارماسلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، ئۇنداق بىرەر ئۇچرىشىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.

سىتففېن سېيبېرت، «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چىقىلىلماسلىق ھوقوقۇنى ئېلىپ تاشلاش قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق تىرىشچانلىقىنى خەۋپكە ئېتتىرەمدۇ، قانداق؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان نەتىجىسى ئوچۇق بىر شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە باش مىنىستىر ماركېلنىڭ ھەر دائىم مەۋجۇت كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭمۇ تۈركىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆرە بەلىگىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر