ئەردوغان ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

493962
ئەردوغان ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 1 سائەت 10 مىنۇت داۋاملاشقان تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، دائېشقا زەربە بېرىش ۋە يوقىتىش ھەمدە دائېشنىڭ تۈركىيە، ياۋروپا ۋە باشقا جۇغراپىيەلەردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. سۆھبەتتە يەنە، سۈرىيەدە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچتا ئالغا ئىلگىرىلەشتە ھەمدە پ ك ك نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر