ئەردوغان كۆچمەنلەر قانۇنىنى ماقۇللىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا رۇخسەتسىز ئىستىقامەت قىلغان كىشىلەرنى قايتا قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.
493991
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەردوغان قانۇن تەكلىپىنى ئورتاق قايتا قوبۇل قىلىش كومىتېتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ماقۇللىغان بولۇپ، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىسىز ساياھەت دائىرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان قانۇن تەكلىپى 2013 – يىلى 16 – دېكابىر كۈنى ئىمزالانغان ۋە 2014 – يىلى 1 – ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كېلىشىمگە ئاساسەن تۈزۈلگەن.