ئەردوغان ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

482034
ئەردوغان ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى
cumhurbaskanı erdoğan'dan 1 mayıs mesajı yç mak.jpg

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، «ئىشچى ۋە ئەمگەكچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا بىرلىك، ھەمكارلىق ۋە ناھەقچىلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىۋاتقان ‹1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى›نى تەبرىكلەيمەن» دېدى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا «ئەمگەكلىرى ۋە ماڭلاي تەرلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە باياشاتلىق سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم تۆھپىسى بولغان ئىشچى ۋە ئەمگەكچىلىرىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش جەريانىدا نامايەن قىلىدىغان دېموكراتىك ۋە تىنچلىقپەرۋەر پوزىتسىيەسى دېموكراتىيەمىزنىڭ گۈللىنىشى نۇقتىسىدىنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىزمەتچىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى، خىزمەت شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئۆزىگە تېگىشلىك تۇرمۇش ئۆلچەملىرىگە يېتىشى، ئەمگەكلىرىنىڭ مېۋىسىنى تولۇق ئېلىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئالدىنقى پىلانغا قويغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىزمەت ھاياتىغا ئالاقىدار ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭمۇ ئەمگەكچىلەر، ئۇيۇشمىلار، خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار ئارىسىدا ئۆزئارا دىيالوگ ۋە يارىشىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بۇ تونۇشنىڭ بارلىق قاتلاملار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى، خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە ئۈمىدلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىدا ئالغا ئىلگىرىلەشنى قولايلاشتۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ، «1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ تىنچلىق ۋە قېرىداشلىق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن، ئىغۋاگەرچىلىكلەردىن يىراق بىر بايرام مۇھىتىدا تەبرىكلىنىشى ئۈمىد قىلىپ، پۈتكۈل خەلىقمگە چوڭقۇر قەلبىمدىن سالام يوللايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر