ئەردوغان ياۋروپا پارلامېنتىنى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24 – قېتىملىق مەھەللە باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا، ياۋروپا پارلامېنتى ئېلان قىلغان تۈركىيە ئىلگىرىلەش دوكلاتىنى تەنقىد قىلدى.

474063
ئەردوغان ياۋروپا پارلامېنتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە ئىلگىرىلەش دوكلاتىنى ئىجابىي قاراشتا ئەمەس، بەلكى سەلبىي قاراشتا تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «تۈركىيەنىڭ قانچىلىك دۈشمىنى بولسا، كاللىسىدىكىنىڭ ھەممىسىنى بۇ دوكلاتقا قىستاپ كىرگۈزۈپتۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 24 – قېتىملىق مەھەللە باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئېلان قىلغان تۈركىيە ئىلگىرىلەش دوكلاتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ئىككى ماددىنى ئالاھىدە تەنقىد قىلدى.

ئۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىت باھانىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تۈركىيەنىڭ مېگا لايىھەسى توغرىسىدىكى ئەندىشەلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇ غەربتىكى پۇل – مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بۇ لايىھەلەرنى قوللىماسلىق ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك نەيرەڭۋازلىقلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە 2023 – يىللىق نىشانىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ» دېدى.

ئۇ دوكلاتتىكى يەنە بىر ماددىنىڭ ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى توختىتىشنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە 135 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بارلىقىنى، 62 سىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توختىتىش چاقىرقىنىڭ قانداقلارچە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ:

«بۇنىڭ ئاستىدا، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە سىرتقا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىق قايغۇسى بولمىسۇن، يەنە» دېدى

ئۇ دوكلاتنىڭ قىبرىس مەسىلىسى، ئەگەدىكى مەسىلىلەر، ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدىكى شەھەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك يالغان ۋە خاتا مەلۇماتلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، كۆچمەنلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرەلىرىدە بەزى سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ ئېچىلىشى، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىجابىي تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇنداق دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى «ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتۇر» دەپ باھا بەردى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېھتىياجىدىن بەكرەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر