ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە داۋۇتئوغلۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى

باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە يوللانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى تەلىپىنى بىردەك قوبۇل قىلىشنى تەكلىپ قىلدى.

452758
ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە داۋۇتئوغلۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى
davutoğlu meclis dokunulmazlık.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە يوللانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەلەپلەرنى ئاۋازغا قويۇپ تەستىقلاشنى تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «كېلىڭلار، چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئېلىپ تاشلايلى. نۆۋەتتە پارلامېنتتا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 506 دانە چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا بىكار قىلايلى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قورقىدىغان ھېچقانداق ماتېرىيالى يوق» دېدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ «چىقىلالماسلىق ھوقۇقى» توغرىسىدىكى تەكلىپىگە «بىز تەييار» دەپ قوللاپ بايانات بەردى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىلى لەۋەنت گۆك، داۋۇتئوغلۇنىڭ چاقىرىقىنىڭ پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىلى ئوكتاي ۋۇرال بۇ ھەقتە توختىلىپ، «پارلامېنت سۆز سەھنىسىگە چېتىشلىق ماتېرىياللاردىن باشقا بارلىق چېقىلالماسلىق ھوقۇقلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى تەرەپدارىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر