ئەردوغان باكۇدا زىيارەتتە بولىدۇ
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15 – مارت تۈركىيە – ئەزەربەيجان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا بارىدۇ.
450270
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باكۇ زىيارىتىدە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە، ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسى (TANAP) ۋە بۇ لايىھەنى 2018 – يىلىدىن بۇرۇن پۈتكۈزۈش ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى لايىھەسىدە، ئەزەربەيجان گازى ئالدى بىلەن تۈركىيەگە، ئاندىن ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ تۇرۇبا يولىدا، ھازار دېڭىزىدىكى «2 – شاھ دېڭىز» گازلىقى ۋە ھازار دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز توشۇلىدۇ.