قۇرتۇلمۇش ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىجابىي باھا بەردى

قۇرتۇلمۇش تۈنۈگۈن (22 – فېۋرال) دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە توپلانغان مىنىستىرلار كېڭىشىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

438118
قۇرتۇلمۇش ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىجابىي باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بەشتەپەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئېچىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ تۈرلۈك ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قارشى ئالىمىز، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە ئالتە ئايلىق مۇساپىنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«دائېش ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ. رۇسىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە پۇقرالار ۋە بىگۇناھ خەلقىنى قىرغىن قىلىشنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىنشائاللاھ، ئالتە ئايلىق مۇزاكىرە نەتىجىسىدە سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قاتنىشار. بىز ئامېرىكىنىڭ بەششار ئەسەد بولمىغان سۈرىيەنىڭ بولۇشى توغرىسىدا قارىشىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن، سەرسان – سەرگەدانلىقتا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

نۇمان قۇرتۇلمۇش يەنە، 17 – فېۋرال يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ: «خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىن ۋەقە پەيدا قىلىش، ۋەقەنىڭ جەريانى ۋە ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چىقىش قىلغىنىمىزدا، ۋەقەنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ئايدىڭلاشتى. ئەمما، ئادەم بومبىنىڭ ھەقىقىي كىملىكى DNA تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەنقەرەدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز. بۇ مەسىلىدە مىللىي بىرلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز زۆرۈر ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، تېررورلۇققا قارشى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ كۆپ قىسمى، پۇقرالىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قاتار قوشۇمچە تەدبىرلەر ۋە بىر مۇنچە مەسئۇلىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھېچقانداق قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلالمايدىغان، ئىمكان يارىتىپ بەرمەيدىغان ۋە ماكانىنى تېخىمۇ تارايتىدىغان ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر