چاۋۇشئوغلۇ: ئەڭ چوڭ توسالغۇ رۇسىيە

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن جەنۋە سۆھبىتىنى «تۇمانلىق پەردە» قىلىپ پايدىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

437414
چاۋۇشئوغلۇ: ئەڭ چوڭ توسالغۇ رۇسىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيەنىڭ تىراژى ئەڭ كۆپ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «لا ستامپيا» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۈرىيە كىرىزىسى، رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە كۆچمەنلەر كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ قايسى؟» دېگەن سوئالغا، «ھېچ شۈبھىسىزكى رۇسىيە» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، تۈركىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «رۇسىيە مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق تەرەپدارىمۇ ياكى ھەل قىلىش تەرەپدارىمۇ؟» دېگەن سوئالغا، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«رۇسىيە سېنتەبىر ئېيىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش باھانىسىدە سۈرىيەگە كىردى. رۇسىيە ئۇ كۈندىن باشلاپ قوزغىلاڭچىلار ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا ئىشنى قىلمىدى. يەنە بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن جەنۋە سۆھبىتىنى ‹تۇمانلىق پەردە› قىلىپ پايدىلاندى. بۇ سەۋەبتىن، جەنۋەدە سىياسىي مۇساپە توختاپ قالدى. دىققەت قىلغىنىمىزدا، بۇ ھۇجۇملارنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىغا پالتا چېپىش ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرەلەيمىز.»

ئۇ رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا قارىماستىن، ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر