داۋۇتئوغلۇ بىلەن مېركېل سۈرىيە چېگراسىدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ تۈنۈگۈن (14 – فېۋرال) دىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

432868
داۋۇتئوغلۇ بىلەن مېركېل سۈرىيە چېگراسىدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د بىلەن ي پ گ نىڭ، ئاززاز ۋە تېل رىفاتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى؛ بۇ ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كۆچ دولقۇنىنىڭ پەقەت تۈركىيەگىلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پ ي د نىڭ ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىگە تۈركىيەنىڭ رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خەۋپسىزلىك قىسىملىرىمىز پ ي د ۋە ي پ گ گە كېرەكلىك جاۋابنى بەردى، بۇ خىل جاۋاب بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ» دېدى.

رەھبەرلەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، قانۇنسىز كۆچكە قارشى كۈرەش ساھەسىدە، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ياۋروپا باشچىلىقىدىكى كۆپ تەرەپلىك زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر