ئەردوغان: رۇسىيە بۇنىڭ بەدىلىنى چوقۇم تۆلەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇس ئايروپىلانىنىڭ قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

425916
ئەردوغان: رۇسىيە بۇنىڭ بەدىلىنى چوقۇم تۆلەيدۇ
cumhurbaşkanı erdoğan

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان موسكوۋا ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئاشكارە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «تەلىپىمىزگە ھازىرغىچە جاۋاپ بېرىلمىدى.»

ئەردوغان چىلىغا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى دۆلەت مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. جەنۋە مۇزاكىرىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا قارىتا ئەردوغان پ ي د نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «بىز تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن نېمە توغرىسىدا پاراڭلىشىمىز؟ بۇ تەكلىپىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلەر دائېش بىلەن بىر ئۈستەلگە ئولتۇرسۇن. ئۇلار دائېش بىلەن بىر ئۈستەلگە ئولتۇرالامدۇ؟ بۇنىڭغا قانداقمۇ نورمال قارىغىلى بولسۇن،ئۇلار دائېش بىلەن قانداق سۆھبەت ئۆتكۈزمىسە، بىزمۇ ئوخشاشلا پ ي د بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزەلمەيمىز.»

رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: « رۇسىيە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئىزچىل كۆرۈشۈپ، خەتەرلىك نۇقتىغا كېلىپ قالدى.»

رۇس ئايروپىلانىنىڭ تۈرك ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا قارىتا ئەردوغان، بۇ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ رۇسىيەنىڭ رايوندىكى كىرزىسنى تېخىمۇ ئۇلغايتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«بىزدىن ئىلگىرى ناتو بۇ خۇلاسىگە كېلىپ بولدى» دېگەن ئەردوغان، رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىلدىكى مەسئۇلىيەتسىزلارچە تاشلىغان قەدەملەر نە رۇسىيەگە نە ناتو-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە نە رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا پايدىسى يوق. ئەكسىچە جىددىي زىيان بېرىدۇ.»

رۇسىيەنىڭ رايوندىكى پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنى تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىشىغا قارىتا ئاكتىپ پوزىتسىيەسى تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سۈرىيەدە ھەممىنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ زۇلۇملارغا كۆزىنى يۇمۇۋالغانلارنىڭ ئەتە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەردىن نارازى بولۇشقا قەتئىي ھەققى يوقتۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھازىرغىچە رايوندا بايىربۇجاك تۈركمەنلىرىگە تەۋە نۇرغۇن يېزىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ۋە بومباردىمان قىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «3000 كىشى ھازىر بىزگە تەرەپكە ئۆتىدۇ، بۇنىڭ پىلانى تۈزۈلدى. كەلگەن بارلىق ئىرقداشلىرىمىزنى، مۇساپىرلارنى لاگېرلاردا كۈتۈۋېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر