داۋۇتئوغلۇ ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننى تەنقىد قىلدى

باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن پ ي د غا ئايرىم - ئايرىم مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

424239
داۋۇتئوغلۇ ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننى تەنقىد قىلدى
Biden

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايروپىلان بىلەن گېرمانىيەدىن قايتىشىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن داۋۇتئوغلۇ، «ۋاشىنگىتوندىن شۇنداق كۆرۈنۈشى مۇمكىن، ئەمما تۈركىيەدىن ئۇنداق كۆرۈنمەيدۇ. پ ي د نىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشى ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن تۈنۈگۈن ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىغا: «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر، چوقۇم قورال تاپشۇرۇشى شەرت، ئەمما پ ي د غا ئايرىم مۇئامىلە قىلىش لازىم» دېگەنىدى.

باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ جو بايدىننىڭ تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا پەقەت مەلۇم گۇرۇپپىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇخبىرلار بىلەنلا كۆرۈشكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، «بايدىننىڭ شېھىتلىرىمىزنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلاتتىم» دېدى.

جو بايدىننىڭ پەقەت سىياسىي قارىشى بىر - بىرىگە يېقىن بولغان ۋە ئارىسىدا بەششار ئەسەدنىمۇ قوللايدىغانلارمۇ بار بولغان بىر قىسىم مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشى تۈركىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

تۈركىيەدىكى داڭلىق ژۇرنالىستلار ئورتاق باياننامە ئېلان قىلىپ، جو بايدىننى تەنقىد قىلدى.

باياننامىدە مۇنداق دېيىلدى: «جو بايدىن پەقەت كۆز – قاراشلىرى بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇخبىرلار بىلەنلا كۆرۈشۈپ، ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر بىلەن كۆرۈشمىدى، ئەسلىدە ئۇ كۆپ ئاۋازلىق ۋە رەڭدار تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆرمەسكە سالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر