تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

148957
تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كابۇل ۋە ھېلماند ۋىلايىتىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 27 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 18 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى. «بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلگەن باياناتنىڭ داۋامىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاندا ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى يېقىنقى 13 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىغا ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى نەپ ئالىدىغان مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ ئورنىتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر