تۈركىيە گ 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەلى باباجان گ 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى

148848
تۈركىيە گ 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەلى باباجان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 دۆلەت گۇرۇھى ئۇچرىشىشىغا ساھىبخانىلىق قىلدى.
ئەلى باباجان سۆز قىلىپ، مۇنبەرنىڭ مەقسىتىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، گ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.
گ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 85%نى، دۇنيا سودىسىنىڭ 75%نى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ 1-دېكابىردىن باشلاپ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان گ 20 دۆلەت گۇرۇھى، پۇل-مۇئامىلە ۋە «شېرپا» بولۇپ ئىككى قانالدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەلى باباجاننىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن شېرپا ئۇچرىشىش يىغىنىدا تەرەققىيات، ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ سىجىللىقى، سودا ۋە ئىش ئىمكانىيەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر