«تۈركىيەنىڭ پىكرى قوللانمىدى، رايون پالاكەت پاتقىقىغا ئىتتىرىلدى»

باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، باياشاتلىقى ۋە خاتىرجەملىكىدىن بىئارام بولىدىغان بەزى تەرەپلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

148120
«تۈركىيەنىڭ پىكرى قوللانمىدى، رايون پالاكەت پاتقىقىغا ئىتتىرىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، «تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق پىكرى قوللاشقا ئېرىشمىدى، رايون پالاكەت پاتقىقىغا ئىتتىرىلدى» دېدى.

داۋۇتئوغلۇ، بەزى تەرەپلەرنىڭ رايوندا بىرلىك ئورنىتىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئادانادا سودا – سانائەتچىلەرگە خىتاب قىلغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، سۈرىيەدە بەششار ئەسەدنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىيە يولىدا مېڭىشنى قويۇپ، ئۆز خەلقىگە قەتلىئام يۈرگۈزۈش يولىنى تاللىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«رەھبەرلىك قىلىش قابىلىيىتىدىن يوقسۇل بەزى دۆلەت ئەربابلىرى پەيدا قىلغان پالاكەتلەرنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك، ئەڭ ناچار ئۈلگىسى ئەپسۇسكى سۈرىيەدە يۈز بەردى» دېگەن داۋۇتئوغلۇ، پۈتكۈل تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن ۋە ئۆتمۈشتە ناھايىتى كۆپ ياردەملەر قىلىنغان بولسىمۇ، بەششار ئەسەدنىڭ بۇلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى. بىر نەرسىدىن كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن يېرىم بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن داۋۇتئوغلۇ، «سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى تۈركىيە، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە سۈرىيە ئارىسىدا تۆت تەرەپ لېۋانت (ئاق دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئەللەرنىڭ ئورتاق نامى) ئىتتىپاقى قۇرىۋاتاتتۇق. ئەمما، بىرلىرى توسقۇنلۇق قىلدى. بىرلىرى ئوتتۇرا شەرقنىڭ قان كۆلىگە ئايلىنىشى خالىدى. بىز خالىغىنىمىز، ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك، چېگرالارغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان، لېكىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنگەن بىر ئوتتۇرا شەرق يارىتىش پىكرىنى، تۈركىيە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان پىكىرنى يوقىتىپ تاشلاشقا تىرىشىشتى ۋە سىلەرمۇ كۆرۈپ تۇرىسىلەر قانداق ھالەتكە كەلدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر